Selefi-Vahhabilere Reddiye (Uygurca) kitap kapağı
KİTAPLIKTAN BİR ESER

Selefi-Vahhabilere Reddiye (Uygurca)

سەلەفىي - ۋاھابىزم ھەرىكىتى ئۆتكەن ئەسىردە ئىسلام جۇغراپىيىسىدە ئوينىغان رولى ۋە ئۈستىگە ئالغان نىشانى بىلەن ئەستايىدىل تەكشۈرۈشكە تېگىشلىك ھادىسە سۈپىتىدە كۆرۈلىدۇ. سەلەفىي - ۋاھابىزم مۇسۇلمان بولمىغان شەخس…

Uzunluk126 sayfa
Kitabın diliuygurca
Yayın yılı2024
TANITIM YAZISI

Kitap hakkında

سەلەفىي - ۋاھابىزم ھەرىكىتى ئۆتكەن ئەسىردە ئىسلام جۇغراپىيىسىدە ئوينىغان رولى ۋە ئۈستىگە ئالغان نىشانى بىلەن ئەستايىدىل تەكشۈرۈشكە تېگىشلىك ھادىسە سۈپىتىدە كۆرۈلىدۇ. سەلەفىي - ۋاھابىزم مۇسۇلمان بولمىغان شەخس ۋە جەمئىيەتلەرنىڭ نەزىرىدە سەلبىي ئىسلام ئوبرازىنى يارىتىش ئارقىلىق ئىسلامغا مايىللىقنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە بۇ سەلبىي ئوبرازنى يارىتىشنى خالايدىغان گۇرۇپپىلار تەرىپىدىن «قولايلىق قورال» سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدۇ. ئۇنىڭ ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا ئېلىپ كېلىدىغان ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي زىيىنى سەۋەبىدىن، سەلەفىي - ۋاھابىزم ھەرىكىتىنى تەكشۈرۈشكە ئەرزىيدۇ. سەلەفىي - ۋاھابىزم ھەققىدە، سەلەفىي - ۋاھابىزم ھەرىكىتى قانداق بارلىققا كەلگەن؟ ئۇ كىمدىن ۋە قانداق پىكرىي چۈشەنچىلەردىن ئىلھام ئالغان؟ ئۇلارنىڭ مەنبەسى نېمە؟ پەرقلىق قاراشلىرى نېمىلەرگە سەۋەب بولدى؟ ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ پارچىلىنىشى ۋە يىمىرىلىشىدە قانداق رول ئوينىدى؟ ئىسلام جۇغراپىيىسىنى مۇستەملىكە قىلماقچى بولغان جاھانگىر كۈچلەر بىلەن قانداق مۇناسىۋېتى بار؟ بۇ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك توغرا ياكى خاتا باھالار قايسىلار؟ ... قاتارلىق سوئاللارنى قويغىلى بولىدۇ. بۇ سوئاللار تېخىمۇ كەڭ ۋە ئوخشىمىغان تەتقىقاتلارنىڭ تېمىسى بولالايدۇ.

OKUMAYA DEVAM

Yazarın diğer kitapları

Hakkında · Site haritası · Kitaplık görünümü